عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«كُلُّ سُلاَمَى مِنَ النَّاسِ عَلَيْهِ صَدَقَةٌ، كُلَّ يَوْمٍ تَطْلُعُ فِيهِ الشَّمْسُ يَعْدِلُ بَيْنَ الِاثْنَيْنِ صَدَقَةٌ، وَيُعِينُ الرَّجُلَ عَلَى دَابَّتِهِ فَيَحْمِلُ عَلَيْهَا أَوْ يَرْفَعُ عَلَيْهَا مَتَاعَهُ صَدَقَةٌ، وَالكَلِمَةُ الطَّيِّبَةُ صَدَقَةٌ، وَكُلُّ خُطْوَةٍ يَخْطُوهَا إِلَى الصَّلاَةِ صَدَقَةٌ، وَيُمِيطُ الأَذَى عَنِ الطَّرِيقِ صَدَقَةٌ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم.ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ.بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا مىنىشكە ياردەم بىرشى ياكى ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشىگە نەرسىسىنى سۇنۇپ بىرىشى قاتارلىقلارمۇ سەدىقە بولىدۇ.ياخشى سۆز سەدىقە بولىدۇ.ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭغان ھەر بىر قەدەم سەدىقىدۇر.يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش سەدىقىدۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئۈگىلەرنىڭ سانى 360 «ئۈچيۈز ئاتمىش» دۇر، رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن سەدىقە ھىسابلىنىدىغان ئىشلارنى مىسال ئالدى. ئۇ ئىشلار ھەركەت ۋە سۆز ئارقىلىق، چەكلىك ۋە چەكسىز يەنى كىشىلەرگە يىتىدىغان مەنپەئەت چەكلىك ۋە چەكسىز بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنى پەقەت بىر مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىنغاندۇر. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل بولۇش دېگەنلىك ھۆكۈم قىلغاندا ۋە ئىسلاھ قىلغاندا بارلىققا كىلىدۇ. ئۇ سۆز ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. بىر كىشىگە ئۇلۇقىغا مېنىشتە ياردەم بىرىش ياكى يۈك-تاقىسىنى سۇنۇپ بېرىش دېگەنلىك، ھەركەت ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشى سۆزگە زىكىر-تەسبىھ، دۇئا ۋە قىرائەت، تەلىم-تەربىيە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇ چەكلىك چەكسىز سۆز بىلەن بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ مەسچىتكە ماڭغان قەدىمى ئۆزىگە قىلغان سەدىقە بولىدۇ. بۇ چەكلىك ئىش-ھەركەت. يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش يەنى تىكەن، تاش، ئەينەك پارچىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ چەكسىز ئىش-ھەركەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

سۆزلەرنىڭ مەناسى

سُلامى:
بضم السين المهملة وتخفيف اللام مع القصر، وهي المفاصل، وقد ثبت في صحيح مسلم أنها ثلاثمائة وستون.
تېخىمۇ كۆپ