ھەدىسلەر تىزىملىكى

1. ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىكى خۇپتەن نامىزىدا، بىر رەكئەتتە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ جاراڭلىق ۋە گۈزەل قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
3. كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
4. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
5. ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى ئەسسىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
6. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
7. ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
8. ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
9. ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
10. دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
11. كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
12. مېيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ: ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتى، مېلى ۋە ئەمىلى، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىرى قالىدۇ، ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېلىدۇ، ئەمىلى قالىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
13. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
14. ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مېھرىبان بولغايسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
15. مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
16. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
17. جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى كەتكۈزۈپ، گۇناھ قىلىپ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئۆزى ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
18. ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
19. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
20. سىلەرگە يالغان چاپلاشنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بەرمەيمەنمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
21. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا دۇئا ئۈگۈتۈپ قويسىلا! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىم، كۆزۈم، تىلىم، قەلبىم ۋە شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن» دېدى - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
22. ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
23. كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
24. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە گۇناھغا بۇيرىمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن بۇيرۇقنى ئاڭلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى زۆرۈردۇر، ئەگەرگۇناھقا بۇيرۇسا، بۇيرۇقنى ئاڭلاشقا ۋە بوي سۇنۇشقا بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
25. مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى ئىير تېغىدىن سەۋىر تېغىغا قەدەر ھارام قىلىندى، كىمكى بۇ يەردە شەرىئەتتە يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلسا ياكى بىر بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
26. قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدۇ، بەزىلەر تېرىسىگە تىكەن سۈركىشىپ ئۆتۈپ سالامەت قالىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
27. سەئىدنىڭ كۈللۈكچىلىكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن سەئىدتىن بەك كۈنلەيمەن، ئاللاھ مەندىنمۇ بەك كۈنلەيدۇ. ئاللاھ كۈنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. ئاللاھدىنمۇ بەكرەك كۈنلەيدىغان بىرەرسى يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
28. ھەر بىرىڭلارنىڭ دوزاختىكى ۋە جەننەتتىكى ئورنى بېكىتىلىپ بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
29. ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا، ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
30. مەن سۆزلىگەن سۆزلەرنى يازماڭلار، كىمكى مەندىن قۇرئان ئايىتىدىن باشقا سۆزلەرنى يازغان بولسا ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسۇن. مەن سۆزلىگەن ھەدىسلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى مەندىن قەستەن يالغاننى سۆزلەيدىكەن، دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلىسۇن - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
31. بۇ پەردىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ, ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر نامازدا دېققىتىمنى چېچىۋاتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
32. بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىپ مۇنبەرگە چىقتى ۋە: «مېنىڭ بۇ نەۋرەم ئالى جاناپتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئىككى جامائەتنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
33. كىمكى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ياخشى كۆرسە، مېنى ياخشى كۆرگەن بولدى، ئۇ ئىككىسىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى مېنى ئۆچ كۆرگەن بولىدۇ - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
34. كېچە ۋە كۈندۈز نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
35. ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ - 3 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية