أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَانَ يُصَلِّي صَلَاتَهُ بِاللَّيْلِ وَهِيَ مُعْتَرِضَةٌ بَيْنَ يَدَيْهِ، فَإِذَا بَقِيَ الْوِتْرُ أَيْقَظَهَا، فَأَوْتَرَتْ.
وعَنْها قَالَتْ: كَانَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يُصَلِّي مِنَ اللَّيْلِ، فَإِذَا أَوْتَرَ، قَالَ: «قُومِي فَأَوْتِرِي يَا عَائِشَةُ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 744]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامىزى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئائىشە نامازنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا ياتقان ھالدا ئۇخلايتتى، ۋىتىر نامىزى قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ۋىتىر قالغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇيتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە توغرىسىغا ياتاتتى. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا خۇددى جىنازە قويۇلغاندەك توغرىسىغا ياتاتتىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئائىشەنى ئويغۇتاتتى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ۋىتىر نامىزى قالغاندا: «ئى ئائىشە تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ھەتتا ۋىتىر ئوقۇشنى مەقسەت قىلغاندا ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى كېچىنىڭ دەسلىپىدە ئويغاتمايتتى، كېچىلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ۋىتىر نامىزى قالغاندا، ئائىشەنى ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋىلىش، ۋىتىرنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە، ئويغۇنۇپلا ۋىتىر ئوقۇش ئارقىلىق ئويقۇنىڭ ھورۇنلىقىدىن غالىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى