«لَوْ كَانَ لِي مِثْلُ أُحُدٍ ذَهَبًا مَا يَسُرُّنِي أَنْ لاَ يَمُرَّ عَلَيَّ ثَلاَثٌ، وَعِنْدِي مِنْهُ شَيْءٌ إِلَّا شَيْءٌ أُرْصِدُهُ لِدَيْنٍ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 2389]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم»دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇر]
ئەگەر مەن ساپ ئالتۇندىن ئوھۇد تېغىنىڭ مىقدارىدا مال-مۈلۈككە ئېگە بولغان بولسام ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىپ، ئۈستۈمدىكى قەرزلەرنى تۆلەش ۋە ھەقلەرنى ئادا قىلىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىدىن باشقىسىنى قالدۇرمىغان بولاتتىم