أَنَّ عُمَرَ بْنَ الخَطَّابِ سَأَلَ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَيَرْقُدُ أَحَدُنَا وَهُوَ جُنُبٌ؟ قَالَ: «نَعَمْ إِذَا تَوَضَّأَ أَحَدُكُمْ، فَلْيَرْقُدْ وَهُوَ جُنُبٌ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 287]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالساق بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر بىزنىڭ بىرىمىز كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جۇنۇپ بولۇپ قالسا، مەسىلەن: ئايالى بىلەن بىريەردە بولسا، گەرچە سپېرما كەلمىسىمۇ ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئىشتا رۇخسەت بەردى، ئەمما بىر شەرت: بۇ چوڭ تاھارەتسىزلىكنى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن يەڭگىللىتىش كېرەك. شۇ چاغدا ئاشۇنداق جۇنۇپلۇق بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇخلىسا ھېچقىسى يوق