ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«لَئِنْ بَقِيتُ إِلَى قَابِلٍ لَأَصُومَنَّ التَّاسِعَ» قَالَ: يَعْنِي يَوْمَ عَاشُورَاءَ.
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 1134]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن»

الملاحظة
ليته يعتمد رواية مسلم التي فيها تفصيل للعبة فهي اولى بالايراد
النص المقترح سمعت عبد الله بن عباس رضي الله عنهما، يقول : حين صام رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم عاشوراء، وأمر بصيامه، قالوا : يا رسول الله، إنه يوم تعظمه اليهود، والنصارى، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : " فإذا كان العام المقبل - إن شاء الله - صمنا اليوم التاسع ". قال : فلم يأت العام المقبل حتى توفي رسول الله صلى الله عليه وسلم.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، يەنى: كىلەركى مۇھەررەم ئېيىغىچە ياشاپ قالسام. مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن، يەنى: يەھۇدىلارغا ئوخشىماسلىق ئۈچۈن مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كىيىنكى مۇھەررەم ئېيى كېلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ روزىنى تۇتمىغان بولسىمۇ، ئۇ كۈنى روزا تۇتۇش سۈننەت، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئىرادە قىلغان ئىشلار سۈننەت بولىدۇ. ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ئونىنچى كۈنىلا روزا تۇتىدىغان يەھۇدىلارغا ئوخشىماسلىق. ئونىنچى كۈنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىھتىيات قىلىش ئۈچۈن،- دېيىلگەن قاراشمۇ بار، بىرىنچى كۆز قاراش كۈچلۈك، چۈنكى بۇ ھەقتە دەلىل كەلگەن. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .
تېخىمۇ كۆپ