ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ:

أُمِرَ النَّاسُ أَنْ يَكُونَ آخِرُ عَهْدِهِمْ بِالْبَيْتِ، إِلَّا أَنَّهُ خُفِّفَ عَنِ الحَائِضِ.
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 1755]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى

الملاحظة
استرجاع حوالة باسم محمود ياسين محمد سالم سفيان 1796500
النص المقترح م

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

بۇ شەرەپلىك بەيتۇللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق ھەق - ھۆرمىتى باردۇر. ئۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا باش ئېگىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ تۇرۇشنىڭ بىر سىمۋۇلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرەكلەردە بىر ھەيۋىتى، قەلبلەردە ئۇلۇغلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىش ۋە مۇھەببەت قىلىش مەۋجۇتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىنى، مەككىدىن يۇرتىغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ ئاخىرىقى تاۋاپ بولۇپ، ئۇ تاۋاپۇل ۋىدا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن ۋىدا تاۋىپىنىڭ ساقىت بولۇشىدىكى سەۋەپ؛ مەسچىتنىڭ پاكىزلىقى ۋە ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن بۇ تاۋاپ پىديەسىز ساقىت بولدى. بۇ ھەج توغرۇلۇق كەلگەن دەلىلدۇر، ئۆمرە ھەجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەيسىيرۇل ئەللام تەنبىھۇل ئەفھام تەئسىسۇل ئەھكام

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .
  • . .
تېخىمۇ كۆپ