عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «السفر قطعة من العذاب، يمنع أحدكم طعامه وشرابه ونومه، فإذا قضى أحدكم نَهْمَتَهُ من سفره، فليُعَجِّلْ إلى أهله».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپەر ئازابتىن بىر پارچە، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ، بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ «سەپەر ئازابتىن بىر پارچە» دېگىنى، ئازابنىڭ بىر قىسمى دېگەن مەنىدە. بۇ يەردىكى ئازابتىن مەقسەت جاپادىن تۇغۇلغان ئازاب كۆزدە تۇتۇلغان، كىشى ئۆزى كۆنگەن ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئۇلاققا مىنىپ، ئۇنىڭدىن چۈشۈش جاپالىرى مەقسەت قىلىنغان. «ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى: مۇكەممەل، ئازادە ھوزۇرلۇنۇشنى توسىدۇ، چۈنكى ئۇ سەپەردە قىيىنچىلىق، چارچاش، ئىسسىق-سوغۇق، ئەندىشە، دوسلار ۋە ئائىلىدىن ئايرىلىش، يرىك تۇرمۇش ئارقىلىق جاپادا بولىدۇ، زىھنى سەپەردىكى مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردەك يەپ-ئىچىپ، ئارام ئېلىپ قىلالمايدۇ، ئۇيقۇ ئىشلىرىمۇ ھەم شۇنداق، ئەھۋال بۇنداق بولغانىكەن، سەپەردىكى ئىشلىرى تۈگىكەن ھامان، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىسۇن، دېگەن مەنىدە. «بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن» دېگىنى، سەپەردىكى مەقسەت، ئىھتىياج، دېگەن مەنىدە

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ