عن رَبيعة بن عبد الله بن الهُدَيْر التَّيْمِيِّ: أن عمر بن الخطاب رضي الله عنه ، قرأ يوم الجمعة على المِنْبَر بسورة النَّحل حتى إذا جاء السَّجدة نَزل، فسجد وسجد الناس حتى إذا كانت الجمعة القَابِلة قَرأ بها، حتى إذا جاء السَّجدة، قال: «يا أيُّها الناس إنا نَمُرُّ بالسُّجود، فمن سجد، فقد أصاب ومن لم يسجد، فلا إثم عليه ولم يَسجد عمر رضي الله عنه » وفي رواية: «إن الله لم يَفرض السُّجود إلا أن نشاء».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
رەبىئە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سۇدەير تەيمىدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جۈمە كۈنى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، پەسكە چۈشۈپ سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ سەجدە قىلدى، يەنە بىر جۈمە كۈنى شۇ سۈرىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، مۇنداق دېدى: «ئى كىشىلەر! بىز بۇ ئايەتكە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇق، كىمكى سەجدە قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولدى، سەجدە قىلمىسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ سەجدە قىلمىدى» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەجدە قىلىشنى پەرىز قىلمىدى پەقەت بىز خالاپ قىلساق بولىدۇ» دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جۈمە كۈنى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ، ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ» [نەھل سۈرىسى 49_50_ئايەت]، دېگەن سۆزىگە كەلگەندە مۇنبەردىن پەسكە چۈشۈپ، يەرگە سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەجدە قىلدى، يەنە بىر جۈمە كۈنى شۇ سۈرىنى يەنى، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، سەجدە بار ئايەتنى ئوقۇدى، كىشىلەر سەجدە قىلىشقا ھازىرلانغان ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەجدە قىلمىدى، ئۇلارنىمۇ سەجدە قىلىشتىن توستى، مۇئەتتانىڭ رىۋايىتىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن، كىشىلەر سەجدە قىلىشقا تەييار بولغان ۋاقىتتا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىرماڭلار، ئاللاھ بۇ ئايەتتە سەجدە قىلىشنى بىزگە پەرىز قىلمىدى، پەقەت بىز خالاپ سەجدە قىلساق بولىدۇ، دېدى ۋە ئۆزىمۇ سەجدە قىلمىدى، كىشىلەرنىمۇ سەجدە قىلىشتىن چەكلىدى، ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئى كىشلەر! بىز بۇ سەجدە ئايىتىدىن ئۆتىمىز، كىمكى سەجدە قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولدى، سەجدە قىلمىسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، يەنى بىز ھازىر سەجدە بار ئايەتتىن ئۆتىمىز، كىمكى ئۇنىڭدا سەجدە قىلسا، توغرا قىلغان بولدى، كىمكى سەجدە قىلمىسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن سەجدە قىلمىدى». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەجدە قىلىشنى پەرىز قىلمىدى، سەجدە قىلىش بىزگە ۋاجىپ ئەمەس، پەقەت بىز سەجدە قىلىشنى خالىساق سەجدە قىلىمىز، خالىمىساق سەجدە قىلمايمىز»دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى كىشىلەر! بىز سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلمىدۇق» دېيىلگەن. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ئەسەر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى جۈمە كۈنىدە مۇنبەردە تۇرۇپ، بارلىق ساھابىلارنىڭ ئالدىدا دېگەن سۆزى بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئىنكار قىلمىغان، بۇ ئۇلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداق بولىدىكەن، ساھابىنىڭ سۆزى ھۆججەت بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەگىشىشكە ئەڭ لايىق، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىنىڭ سۆزىنى بولۇشى ۋە بۇ سۆزنىڭ ساھابىلار ھازىر بولغان سورۇندا دېيىلىشى ئىجمانىڭ ئورنىدا بولىدۇ