عن أبي هريرة رضي الله عنه قال:

قَالُوا: يَا رَسُولَ اللهِ هَلْ نَرَى رَبَّنَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ؟ قَالَ: «هَلْ تُضَارُّونَ فِي رُؤْيَةِ الشَّمْسِ فِي الظَّهِيرَةِ، لَيْسَتْ فِي سَحَابَةٍ؟» قَالُوا: لَا، قَالَ: «فَهَلْ تُضَارُّونَ فِي رُؤْيَةِ الْقَمَرِ لَيْلَةَ الْبَدْرِ، لَيْسَ فِي سَحَابَةٍ؟» قَالُوا: لَا، قَالَ: «فَوَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ لَا تُضَارُّونَ فِي رُؤْيَةِ رَبِّكُمْ، إِلَّا كَمَا تُضَارُّونَ فِي رُؤْيَةِ أَحَدِهِمَا، قَالَ: فَيَلْقَى الْعَبْدَ، فَيَقُولُ: أَيْ فُلُ، أَلَمْ أُكْرِمْكَ وَأُسَوِّدْكَ وَأُزَوِّجْكَ، وَأُسَخِّرْ لَكَ الْخَيْلَ وَالْإِبِلَ، وَأَذَرْكَ تَرْأَسُ وَتَرْبَعُ؟ فَيَقُولُ: بَلَى، قَالَ: فَيَقُولُ: أَفَظَنَنْتَ أَنَّكَ مُلَاقِيَّ؟ فَيَقُولُ: لَا، فَيَقُولُ: فَإِنِّي أَنْسَاكَ كَمَا نَسِيتَنِي، ثُمَّ يَلْقَى الثَّانِيَ فَيَقُولُ: أَيْ فُلُ، أَلَمْ أُكْرِمْكَ وَأُسَوِّدْكَ وَأُزَوِّجْكَ، وَأُسَخِّرْ لَكَ الْخَيْلَ وَالْإِبِلَ، وَأَذَرْكَ تَرْأَسُ، وَتَرْبَعُ، فَيَقُولُ: بَلَى، أَيْ رَبِّ فَيَقُولُ: أَفَظَنَنْتَ أَنَّكَ مُلَاقِيَّ؟ فَيَقُولُ: لَا، فَيَقُولُ: فَإِنِّي أَنْسَاكَ كَمَا نَسِيتَنِي، ثُمَّ يَلْقَى الثَّالِثَ، فَيَقُولُ لَهُ مِثْلَ ذَلِكَ، فَيَقُولُ: يَا رَبِّ آمَنْتُ بِكَ وَبِكِتَابِكَ وَبِرُسُلِكَ، وَصَلَّيْتُ وَصُمْتُ وَتَصَدَّقْتُ، وَيُثْنِي بِخَيْرٍ مَا اسْتَطَاعَ، فَيَقُولُ: هَاهُنَا إِذَن، قَالَ: ثُمَّ يُقَالُ لَهُ: الْآنَ نَبْعَثُ شَاهِدَنَا عَلَيْكَ، وَيَتَفَكَّرُ فِي نَفْسِهِ: مَنْ ذَا الَّذِي يَشْهَدُ عَلَيَّ؟ فَيُخْتَمُ عَلَى فِيهِ، وَيُقَالُ لِفَخِذِهِ وَلَحْمِهِ وَعِظَامِهِ: انْطِقِي، فَتَنْطِقُ فَخِذُهُ وَلَحْمُهُ وَعِظَامُهُ بِعَمَلِهِ، وَذَلِكَ لِيُعْذِرَ مِنْ نَفْسِهِ، وَذَلِكَ الْمُنَافِقُ وَذَلِكَ الَّذِي يَسْخَطُ اللهُ عَلَيْهِ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغانغان ھەدىستە: ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟ دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، «بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر ئاي بىلەن كۈننى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قېينالمايسىلەر» دېدى، ئاللاھ بەندە بىلەن ئۇچرىشىپ: ئى پۇلان! سېنى ئىززەتلىدىم، خوجايىن قىلدىم، ئۆيلەپ قويدۇم، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم، سىنى باشلىق قىلىپ غەنىمەتنىڭ تۆرتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ، ئۇ: «شۇنداق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلىغانمىدىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ: «سەن مېنى ئۇنتىغاندەك مەنمۇ سېنى ئۇنتىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئىككىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا: «ئى پۇلان! سېنى ئىززەتلىدىم، خوجايىن قىلدىم، ئۆيلەپ قويدۇم، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم، سېنى باشلىق قىلىپ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ، ئۇ: «شۇنداق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلىغانمىدىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ: «سەن مېنى ئۇنتىغاندەك مەنمۇ سېنى ئۇنتىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغىمۇ يۇقىردا دېيىلگەن سۆزلەرنى دەيدۇ، ئۇ: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سېنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەرىپلەيدۇ، ئۇ ئادەمگە: «بۇ يەردە ئاشكارا بولىدۇ، ھازىر ساڭا گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلارنى ئەۋەتىمىز» دەيدۇ، ئۇ ئادەم كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، ئۇ ئۆزىدىن ئۆزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، بۇ ئۈچىنچى ئىنسان بولسا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان مۇناپىقتۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلارنىڭ بەزىسى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاقتىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن ئالەمگە نۇر چىچىپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئاسماندا سىلەرنى قۇياشنى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، سىلەرگە شۇ قۇياشنى كۆرۈش ئۈچۈن قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز ئاسماندا ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: ئاي تولۇق توشۇپ ئاسماندا ئاشكارا بولسا، سىلەرنى ئاينى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، ئاشۇ ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىشىپ، قىستىلىشىپ قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلار: «ياق» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قىينالمايسىلەر»، يەنى: قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە شەك ۋە تالاش-تارتىش قىلمىغاندەك، ئاللاھنى كۆرۈش ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ، ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمايدۇ، بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلمايسىلەر، ئىختىلاپمۇ قىلمايسىلەر، ئوخشۇتۇش ئوچۇق-ئاشكارىلىقى شەك قىلمىغۇدەك دەرىجىدە دەپ قاراپ پەقەت كۆرۈشتىلا بولدى، كۆرۈشنىڭ باشقا كەيپىياتىدا، كۆرۈلگۈچىدە بولمىدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن پاكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پۇلان! مەن سېنى ئۆز قەۋمىڭدە ئالاھىدە گىپى ئۆتىدىغان قىلمىدىممۇ؟، ئۆز جىنسىڭدىن جۈپ ئاتا قىلىپ تۇرمۇشلۇق قىلمىدىممۇ؟، جۈپتىڭ بىلەن سىنىڭ ئاراڭدا ئۈنسى-ئۈلپەت، مېھرى-مۇھەببەت قىلمىدىممۇ؟، ساڭا ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ؟، سېنى قەۋمىڭگە باشلىق قىلىپ، غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟ (جاھىلىيەتتە قەبىلە باشلىقلىرى غەنىمەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئالاتتى)» دەيدۇ، بەندە بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا: «ماڭا ئۇچرىشىشنى بىلەمتىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «سەن مىنى ئۇنتۇغاندەك مەنمۇ سىنى ئۇنتۇيمەن» دەيدۇ، يەنى سەن دۇنيادا ماڭا ئىتائەت قىلىشنى تاشلىغاندەك، بۈگۈن سېنى رەھمىتىمدىن يىراق قىلىمەن. ئۇنتۇش بۇ يەردە بىلىشنى خالىماسلىقتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «سىلەر بىزنى ئۇنۇتقاندەك بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئىككىنچى بىر بەندە بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچراشقاندىكى سوئالى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ جاۋابىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن ئاللاھ ئۈچىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇ ئادەمگىمۇ يۇقىرقى سوئالنى دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سىنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، ئۆزىنى كۈچى يىتىدىغان ھەممە نەرسە بىلەن ماختايدۇ، ئاللاھ تائالا: «ئۇنداقتا بۇ يەردە»، يەنى: سەن ئۆزۈڭنى بىر مۇنچە ماختىغان بولساڭ، ساڭا ئەمەللىرىڭنى گۇۋاھچى تۇرغۇزۇپ كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختاپ تۇر» دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ھازىر ساڭا گۇۋاھچى ئېلىپ كىلىمىز» دېيىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، بۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئۈزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، يەنى: ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھى كۆپ بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى ئىسىلغىدەك ئۆزرە قالمىغۇدەك دەرىجىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى سۆزلىتىدۇ، بۇ ئۈچىنچى بەندە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىغان مۇناپىقتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

سۆزلەرنىڭ مەناسى

تېخىمۇ كۆپ