ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسعُودٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«لَا يَحِلُّ دَمُ امْرِئٍ مُسْلِمٍ، يَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَأَنِّي رَسُولُ اللهِ، إِلَّا بِإِحْدَى ثَلَاثٍ: الثَّيِّبُ الزَّانِي، وَالنَّفْسُ بِالنَّفْسِ، وَالتَّارِكُ لِدِينِهِ الْمُفَارِقُ لِلْجَمَاعَةِ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 1676]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال ئەمەس، پەقەت نىكاھلانغاندىن كېيىن زىنا قىلغان كىشى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ۋە دىنىنى تاشلاپ، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال ئەمەس، پەقەت ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال. بىرىنچى: دۇرۇس بولغان نىكاھتىن كېيىن ئايالى بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يات بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغان كىشى، مۇسۇلمان بىر كىشىنى ناھەق قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشى، مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ۋە ئىسلامنى تاشلاپ جامائەتنىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولغان كىشى، ياكى شۇلارغا ئوخشاشلار. بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھارامدۇر. ئۇنىڭغا ئوخشاشلىرى دېگىنىمىز، ئوخشاش جىنسىلىقلارنىڭ قىلمىشى زىناخورلارنىڭ قىلمىشىغا كىرىپ كىتىدۇ، مەھرەملىرى بىلەن زىنا قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلتۈرىلىدۇ. سىھرگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنجى تۈرگە كىرىدۇ

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .