+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم : «لا تَلَقَّوُا الرُّكبان، ولا يبع بعضكم على بيع بعض، ولا تَنَاجَشُوا ولا يبع حَاضِرٌ لِبَادٍ، ولا تُصَرُّوا الإبلَ والغنم، ومن ابتاعها فهو بخير النَّظَرَين بعد أن يحلبها: إن رَضِيَهَا أمسكها، وإن سَخِطَها رَدَّهَا وَصَاعا ًمن تمر».
[صحيح] - [متفق عليه، والرواية الثانية رواها مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بازارغا كىرىۋاتقان مالنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئېلىۋالماڭلار، بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ پىتىپ بولغان سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزى سودا قىلمىسۇن، سەھرالىقنىڭ مېلىنى ئۆزى ساتماي شەھەرلىك سېتىپ بەرمىسۇن، تۆگىنىڭ ۋە قوينىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىتىپ ساتمىسۇن، كىمكى ئاشۇنداق سېتىۋالغان بولسا ئۇنى سېغىپ باققاندىن كېيىن ئىختىيارى بار، ئەگەر رازى بولسا تۇتۇۋەرسۇن، ئۇنداق بولمىسا ئۇ مالنى بىر سا خورما بىلەن قايتۇرۇپ بەرسۇن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھارام قىلىنغان بەش خىل تۈردىكى سودىدىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ساتقۇچى، ئالغۇچى ۋە ئۇندىن باشقىلارغا زىيان بولىدۇ. 1- سىرتتىن ماللىرىنى ساتقىلى كەلگەنلەرنى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى توسۇپ سېتىۋېلىشتىن توسقان. چۈنكى ئۇلار بازارنىڭ ھەقىقى باھاسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە ئۇلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ جاپاسىغا لايىق رىزقىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. 2- بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى سېتىۋېلىشتىن چەكلىدى. مەسىلەن: بىر سودىنىڭ مەسلىھەت قىلىش پۇرسىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن، ساتقۇچى بولسا خېرىدارغا: مەن ساڭا بۇ مالدىن ياخشىراقنى بىرىمەن ياكى بۇ باھادىن ئەزانراق بىرىمەن، دەيدۇ. خېرىدار بولسا: مەن بۇ مالنى ئا كىشىدىن قىممەترەك ئالىمەن، دەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى سودىنى بۇزۇپ ئۆزى سودىلىشىش ئۈچۈن قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنداق قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ئۆچ ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە، ۋە كىشىلەرنىڭ رىزقىنىڭ كىسىلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. 3- مالنى ئالمايدىغان نىيىتى تۇرۇپ، ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ساتقۇچىغا پايدا يەتكۈزۈش ياكى سېتىۋالغۇچىغا زىيان سېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنىڭدا يالغانچىلىق، خېرىدارنى ئالداش، ھىلە – مىكىر قىلىش ئارقىلىق مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش بارلىققا كىلىدۇ. 4- شۇنىڭدەك يەنە، سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماستىن، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىدىن چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلىك تەپسىلى ئەھۋالنى بىلگەچكە باشقا خىرىدارلارغا پەقەت پايدا يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق رىزقىلاندۇرىدۇ، دەيدۇ. 5- سېغىن چارۋىلارغا ھىلە ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىۈتۈپ سىتىشتىن چەكلىدى، بۇنداق قىلغاندا خېرىدار بۇ مال نورمالدىمۇ مۇشۇنداق سۈتلۈك ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى نورمال باھادىن قىممەت سېتىۋالىدۇ. بۇنداق قىلغاندا خېرىدارنى ئالداپ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا شەرىئەت مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇشقا پۇرسەت بەردى. يەنى ئالغۇچى ئۈچ كۈن ئۇ مالنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئويلىنىش پۇرسىتىدۇر. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ساختا سۈتلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇنى ئېلىپ قېلىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە ئۇ مالنى ساغقان بولسا، مال بىلەن بىر سا مىقدارىدا خورما بىلەن بىللە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ