1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. دەۋەت ۋە ھىسبە(ئىجتىمائىي ئىشلارنى كۈزىتىش)

ھەدىس بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن

عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إذا قَام أحَدُكُم من الليل، فَاسْتَعْجَمَ القرآن على لِسَانه، فلم يَدْرِ ما يقول، فَلْيَضْطَجِع».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەندە كېچە نامىزىدىكى ۋاقىتتا، مۈگدەك بىسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىش قېيىن بولۇپ، نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بولسا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيقۇسى تۈگىگەنگە قەدەر يېتىپ ئارام ئالسۇن، بەلكىم سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مەنىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ زېيىنىغا دۇئا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇخارىنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان رىۋايىتىدە: «بىرىڭلار نامازدا مۈگدەپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان نەرسىسىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇخلىسۇن» دېيىلگەن

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

15 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا