1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس بىز غازاتلىرىمىزدا ھەسەل ۋە ئۈزۈملەرنى ئولجا ئالاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭدىن يەۋىرەتتۇق

عن ابن عمر رضي الله عنهما، قال: «كُنَّا نُصِيب في مَغازينا العَسَل والعِنَب، فَنَأكُلُه ولا نَرْفَعُهُ»

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز غازاتلىرىمىزدا ھەسەل ۋە ئۈزۈملەرنى ئولجا ئالاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭدىن يەۋىرەتتۇق

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە مۇجاھىدلار جەڭ مەيدانىدا ئولجا ئالغان مېۋە ۋە يېمەكلىكلەردىن يېيىشىگە چەكلىمە يوق ئىكەنلىكى، قومانداننىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، چۈنكى مۇجاھىد بەدىنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن غىزاغا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن چەكلەش قوشۇنغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئاشلىق ۋە ھەلەپنى ئىسلام دىيارىدىن يۆتكەپ كېلىش قېيىن، بۇ ئازغىنە يېمەكلىك غەنىمەتكە خىيانەت قىلىشقا كىرمەيدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

7 تىل
EN English الإنجليزية
FR Français الفرنسية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية