عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: سمعت أبا القاسم صلى الله عليه وسلم يقول: «من قَذَفَ مَمْلُوكَهُ، وهو بَرِيءٌ مما قال جُلِد يوم القيامة إلا أن يكون كما قال».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى ئەبۇلقاسىم يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ قۇلىنى قىلمىغان بىر ئىشنى قىلدى دەپ قارىسا، قۇل ئۇ ئادەم دېگەندەك بولمىسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە دەررە ئۇرۇلىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

خوجايىن ئۆزىنىڭ قۇلىغا بۆھتان قىلغان بولسا، دۇنيادا ئۇ خوجايىنغا بوھتاننىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ، بۇنداق بولىشى: دۇنيادا بېرىلگەن جازا بولسا، جازالانغان ئادەمنىڭ خاتالىقىغا كاپارەت بولىدۇ، مادامىكى ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئازابلىنىدىغان بولۇپ قالسا، شۇنىڭ ئۈچۈن جازا ئېجرا قېلىنىدۇ، خوجايىنغا دۇنيادا دەررە ئۇرۇلمايدۇ، بۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر، چۈنكى خوجايىن جازالانمايدۇ، ئۇ كىشىدە تولۇق ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك گۇمان بولمىسا، ئۇ كىشى قۇلىنى ئەسكى ئىش قىلدى دەپ بۆھتان قىلمايدۇ، خوجايىننىڭ بۆھتان قىلىشى بىلەن ئۇ قۇلنىڭ بازاردىكى قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ زېيىنى يەنىلا خوجايىنغا بولىدۇ. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ :«والذين يرمون المحصنات ثم لم يأتوا بأربعة شهداء فاجلدوهم ثمانين جلدة»تەرجىمىسى:«ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر. سۈرە نۇر 4-ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ