عن ابن عمر قال: "إذا مَضَتْ أربعة أشهر: يُوقَفُ حتى يُطَلِّقَ، ولا يَقَعُ عليه الطلاق حتى يُطَلِّقَ".
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: («ئايالىمغا يېقىن كەلمەيمەن» دەپ قەسەم قىلىپ، يېقىن كەلمەي) تۆت ئاي ئۆتسە، تالاق قىلغۇچە توختىتىپ قويىلىدۇ، تالاق قىلمىسا (مۇددەتنىڭ ئۆتكەنلىكىگە) تالاق بولمايدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رۇخسەت قىلىنغان «ئىيلا» (ئايالىغا يىقىنلاشماسلىق قەسىمى) مۇددىتىنىڭ تۆت ئاي بولىدىغانلىقىنى، تۆت ئايدىن ئاشۇرۋىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، قەسىمىدىن يېنىشى ياكى ئايالىنى تالاق قىلىشى كېرەكلىكىنى، قەسەمدىن يانمىسا، تالاق ياكى نىكاھنىڭ بۇزىلىشى تۆت ئاينىڭ ئۆتىشىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى نىكاھ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولسىمۇ ئەر تالاق قىلمىغۇچە تالاق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش