عن فاطمة بنت قيس- رضي الله عنها- «أن أبا عمرو بن حفص طلقها البَتَّةَ، وهو غائب (وفي رواية: "طلقها ثلاثا")، فأرسل إليها وكيله بشعير، فسخطته. فقال: والله ما لك علينا من شيء. فجاءت رسول الله صلى الله عليه وسلم فذكرت ذلك له، فقال: ليس لك عليه نفقة (وفي لفظ: "ولا سكنى") فأمرها أن تَعْتَدَّ في بيت أم شريك؛ ثم قال: تلك امرأة يَغْشَاهَا أصحابي؛ اعتدي عند ابن أم مكتوم. فإنه رجل أعمى تضعين ثيابك، فإذا حَلَلْتِ فآذِنِيني. قالت: فلما حللت ذكرت له: أن معاوية بن أبي سفيان وأبا جهم خطباني. فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : أما أبو جهم: فلا يَضَعُ عصاه عن عاتقه. وأما معاوية: فصعلوك لا مال له. انكحي أسامة بن زيد. فكرهته ثم قال: انكحي أسامة بن زيد. فنكحته، فجعل الله فيه خيرا، واغْتَبَطْتُ به».
[صحيح] - [رواه مسلم. تنبيه روى البخاري الحديث مختصرا في"صحيحه" يقول الشيخ أحمد شاكر في" تحقيقه على إحكام الأحكام"(ص/591) برقم(2):" هذا الحديث لم يخرجه البخاري في صحيحه هكذا، بل ترجم له أشياء من قصة فاطمة هذه بطريق الإشارة إليها (5323)..." أ هـ]
المزيــد ...

پاتىمە بىنتى قەيىس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئەبا ئەمرۇ ئىبنى ھەفس ئۆزى باشقا يەردە تۇرۇپ ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتتى. (يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۈچ تالاق قىلدى) ئۇ ئادەم ئۇ ئايالغا ئازراق ئارپا بىلەن ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇ ئايالنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالدى. ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىزگە بېرىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، دېدى. ئۇ ئايال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئۇ ئەرنىڭ ئۈستىگە سىزگە نەپەقە بېرىشى ۋاجىپ ئەمەس، دېدى. (يەنە بىر رىۋايەتتە: تۇرىدىغان جاي ھازىرلاپ بېرىشى ۋاجىپ ئەمەس)، ئاندىن ئۇ ئايالنى ئۈممۇ شەرىكنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن دېدىكى: ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىم كۆپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. (ئەڭ ياخشىسى) ئىبنى ئۈممۇ مەكتۇمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇڭ، ئۇ قارىغۇ ئادەم، يېنىدا كىيىمىڭىزنى سالالايسىز، ئەگەر ئىددىتىڭىزدىن چىقسىڭىز، ماڭا خەۋەر بېرىڭ، دېدى. ئۇ ئايال: ئىددىتىمدىن چىققاندا پەيغەمبىرىمىزگە: مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان ۋە ئەبا جەھىم ماڭا تەلەپ قويغانلىقىنى دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەبۇ جەھىم بولسا، قولىدىن تاياق چۈشمەيدىغان ئادەم، ئەمما مۇئاۋىيە پۇلى يوق كەمبەغەل، ئۇسامە ئىبنى زەيد بىلەن نىكاھلىنىڭ، دېدى. مەن ئۇنى ياقتۇرمىدىم، ئاندىن: ئۇسامە ئىبنى زەيد بىلەن نىكاھلىنىڭ، دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن نىكاھلاندىم. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ماڭا ياخشىلىق ئاتا قىلدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولدۇم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ ئەمرۇ ئىبنى ھەپسە ئايالى پاتىمە بىنتى قەيىسنى يانغىلى بولمايلىدىغان تۈردىكى تالاقنى قىلدى، بۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تالىقى ئېدى. يانغىلى بولمايدىغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ نەپىقىسى ئېرىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولمايتتى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا ئارپا ئەۋەتتى، شۇڭا ئۇ ئايال ئىددەت ئىچىدىلا بولسا ئۆزىگە نەپەقە ۋاجىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇ ئارپىنى ئاز كۆرۈپ ياقتۇرمىدى. ۋەكىل قەسەم قىلىپ: ئۇ ئايالغا ئارپىدىن باشقا ھېچنەرسە بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ ئەرنىڭ ئۈستىگە نەپىقە، ھەتتا تۇرىدىغان جاينى تەمىن قىلىشىمۇ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئايالنى ئۇممۇ شەرىكنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنىڭ كۆپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغاندا، ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما بولغاچقا يېنىدا كىيىمىنى سالالايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى. ئىددىتى توشقاندا رەسۇلۇللاھقا خەۋەر بېرىشنى تاپىلىدى. ئىددىتى توشقاندا ئۇ ئايالغا، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان ۋە ئەبۇ جەھىم تەلەپ قويغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالدى، مەسلىھەت سورىغان ئادەمگە مەسلىھەت بېرىش ۋاجىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىسىنىڭ ھېچقايسىسىنى ياخشى دېمىدى. چۈنكى ئەبۇ جەھىم ئاياللارغا قاتتىق قول، مۇئاۋىيە بولسا پۇلى يوق نامرات ئىدى، شۇڭا ئۇ ئايالنى ئۇسامە بىلەن توي قىلىشقا بۇيرىدى، ئەمما ئۇنىڭ قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرمىدى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاياتىدا كۆپ ياخشىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش