عن ابن عباس رضي الله عنه قال: لمَّا كان يومُ بدْر نظر رسولُ الله صلى الله عليه وسلم إلى المشركين وهم ألف، وأصحابه ثلاثُمائة وتسعة عشر رجلا، فاستقبل نبيُّ الله صلى الله عليه وسلم القبلةَ، ثم مدَّ يديْه، فجعل يَهْتِف بربِّه: «اللهمَّ أَنْجِزْ لي ما وعدْتَني، اللهم آتِ ما وعدْتَني، اللهمَّ إنْ تَهْلِك هذه العِصابةُ من أهْل الإسلام لا تُعْبَد في الأرض»، فما زال يَهْتِف بربِّه، مادًّا يديْه مستقبلَ القِبلة، حتى سقط رِداؤه عن مَنْكبيه، فأتاه أبو بكر فأخذ رِداءه، فألقاه على مَنْكبيه، ثم التَزَمه مِن وَرَائه، وقال: يا نبيَّ الله، كفاك مناشَدَتَك ربَّك، فإنَّه سيُنْجِز لك ما وعَدَك، فأنزل الله عز وجل : {إذ تستغيثون ربَّكم فاستجاب لكم أنِّي مُمِدُّكم بألف من الملائكة مُرْدِفين} [الأنفال: 9] فأمدَّه اللهُ بالملائكة، قال أبو زميل: فحدثني ابن عباس، قال: بينما رجلٌ من المسلمين يومئذ يشتَدُّ في أَثَر رَجُلٍ من المشركين أمامه، إذ سَمِع ضربةً بالسَّوْط فَوْقَه وصَوْت الفارس يقول: أقدِم حَيْزُوم، فنَظَر إلى المشرك أمامه فخَرَّ مُسْتَلْقيًا، فنظر إليه فإذا هو قد خُطِمَ أنفُه، وشُقَّ وجهُه، كضرْبة السَّوْط فاخْضَرَّ ذلك أجمعُ، فجاء الأنصاري، فحدَّث بذلك رسولَ الله صلى الله عليه وسلم ، فقال: «صدَقْتَ، ذلك مِن مَدَدِ السماء الثالثة»، فقَتَلوا يومئذ سبعين، وأَسَروا سبعين، قال أبو زميل، قال ابن عباس: فلمَّا أَسَروا الأُسارى، قال رسول الله صلى الله عليه وسلم لأبي بكر وعمر: «ما تَرَوْن في هؤلاء الأُسارى؟» فقال أبو بكر: يا نبي الله، هم بنو العَمِّ والعَشِيرة، أَرَى أن تَأْخُذ منهم فِدْيَةً فتكون لنا قوَّةً على الكفار، فعسى اللهُ أنْ يهديَهم للإسلام، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «ما تَرى يا ابنَ الخطَّاب؟» قلت: لا واللهِ يا رسول الله، ما أرى الذي رأى أبو بكر، ولكني أرى أنْ تُمَكِنَّا فَنَضْرب أعناقَهم، فتُمَكِّنْ عليًّا من عَقِيل فيضرب عنقَه، وتُمَكِّنِّي من فلان نسيبًا لعمر، فأضرب عنُقه، فإن هؤلاء أئمةُ الكفر وصَناديدُها، فهَوِيَ رسول الله صلى الله عليه وسلم ما قال أبو بكر، ولم يَهْوَ ما قلتُ، فلمَّا كان من الغَدِ جئتُ، فإذا رسولُ الله صلى الله عليه وسلم وأبو بكر قاعدين يبكيان، قلتُ: يا رسول الله، أخبرني مِن أي شيء تبكي أنت وصاحبُك؟ فإن وجدتُ بكاءً بكيْتُ، وإن لم أجد بكاء تَباكيْتُ لِبُكائكما، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : " أبكي للذي عُرِضَ على أصحابك مِن أخذِهم الفِداء، لقد عُرِضَ عليَّ عذابَهم أدْنى مِن هذه الشجرة -شجرةً قريبةً من نبي الله صلى الله عليه وسلم- وأنزل الله عز وجل : {ما كان لِنَبِيٍّ أن يكون له أَسرى حتى يُثْخِنَ في الأرض} [الأنفال: 67] إلى قوله {فكلوا مما غَنِمْتُم حلالا طيِّبا} [الأنفال: 69] فأحلَّ الله الغنيمةَ لهم.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: بەدىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئىدى، ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ، ئاللاھ تائالاغا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئى ئاللاھ! ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىسىلا، ۋەدە قىلغانلىرىنى بەرسىلە، ئەگەر ئىسلام ئەھلىدىن بولغان مۇشۇ جامائەت ھالاك بولۇپ كەتسە، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ» دەپ ئىككى قولىنى سوزۇپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارىغا رىداسى مۈرىسىدىن چۈشۈپ كەتكىچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى، ئەبۇبەكرى كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ، دولىسىغا قويغاندىن كىيىن، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارلىرىغا قىلغان ئىلتىجالىرى يېتەرلىك بولدى، ئاللاھ تائالا سىلىگە قىلغان ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ،- دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى} [ئەنپال سۈرىسى: 9-ئايەت]، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم بەردى. ئەبۇ زەمىل مۇنداق دېدى: ئىبنى ئابباس ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇ كۈندە مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئالدىدىكى مۇشرىكنى ئىز بېسىپ قوغلاۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۈستى تەرەپتىن قامچا ئاۋازى ۋە بىر چەۋەندازنىڭ «تىز چاپ! ھەيزۇم» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئالدىدىكى مۇشرىككە قارىسىا، ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ، قامچا زەربىسىدىن ئۇنىڭ بۇرنى ماخچايغان، يۈزى يېرىلغان ئىكەن، ئەنسارى كىلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «راست ئېيتتىڭ، ئۇ ئۈچىنچى ئاسماندىن كەلگەن ياردەم» دېدى، مۇسۇلمانلار شۇ كۈندە مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىشنى ئەسىرگە ئالدى. ئەبۇ زەمىل مۇنداق دېدى، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەسىر ئالغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرگە: «بۇ ئەسىرلەر ھەققىقدە پىكرىڭلار قانداق؟ دېدى، ئەبۇبەكرى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار تاغىلىرىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، مېنىڭچە: ئۇلاردىن پىدىيە ئالسىلىرى، كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا بىزگە كۈچ بولىدۇ، ئاللاھ تائالا كىيىن ئۇلارنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىپ قىلىشى مۇمكىن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! سەن قانداق قارايسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ قارىشىم ئەبۇبەكرىنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدۇ، لېكىن مېنىڭچە: بىزگە تاپشۇرسىلا، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئالساق، ئۇقەيلنى ئەلىگە بەرسىلە، كاللىسىنى ئالسۇن، ماڭا پالانى تۇققۇنۇمنى بەرسىلە، ئۇنىڭ كاللىسىنى مەن ئالاي، بۇلار كۇپىرنىڭ چوڭلىرى ۋە كاتىۋاشلىرى،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرىنىڭ پىكرىنى ياقتۇردى، مېنىڭ پىكرىمنى ياقتۇرمىدى. ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئەتىسى ئەتتىگەندە كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ھەمراھلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن يىغلىلا؟ ماڭا دەپ بەرسىلە، ئەگەر يىغلىيالىسام مەنمۇ يىغلاي، يىغلىيالمىسام سىلەرگە يىغلىشىپ بېرەي،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمراھلىرىڭغا ئۇلاردىن پىدىيە ئالغانلىقىدىن يۈزلەنگەن نەرسە مېنى يىغلاتتى، ماڭا ئۇلارنىڭ ئازاۋى مۇشۇ دەرەختىنمۇ يېقىن جايدا كۆرسىتىلدى،- دېدى، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە بىر دەرەخ بار ئىكەن- ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار، (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر} [ئەنپال سۈرىسى: 67 ~ 69 ئايەتكىچە]، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا غەنىمەتنى ھالال قىلىپ بەردى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
بەدىر ئۇرىشى بولغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئىدى، ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا نىسبەتەن ساھابىلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا: «ئى ئاللاھ! ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىسىلا، ۋەدە قىلغانلىرىنى بەرسىلە، ئەگەر بۇ مۇسۇلمانلارنى ھالاك قىلسىلىرى، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ»، (يەنى: ئى ئاللاھ! ماڭا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمىلىيەتكە چېقارسىلا، مۇسۇلمانلارغا كاپىرلارغا قارشى ياردەم بەرسىلە، بۇ مۇسۇلمانلارنى ھالاك قىلىۋەتسىلە، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ) دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، كىيىمى مۈرىسىدىن چۈشۈپ كەتكىچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى، ئەبۇبەكرى كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رىداسىنى ئېلىپ مۈرىسىگە قويغاندىن كىيىن، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارلىرىغا قىلغان ئىلتىجالىرى يىتەرلىك بولدى، ئاللاھ تائالا سىلىگە قىلغان ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىدۇ،-دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ-ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى} [ئەنپال سۈرىسى: 9-ئايەت]، يەنى: سىلەر ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، يادەم تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ، ئارقىمۇ-ئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بەردى. ئاندىن ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: ئەنسارىلاردىن بىر مۇسۇلمان بىر مۇشرىكنىڭ كەينىدىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يۈگىرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۈستى تەرەپتىن قامچا بىلەن ئۇرغان ئاۋازنى ۋە بىر چەۋەندازنىڭ «ھەيزۇم! ئالغا» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، قاراپ، ھىلىقى مۇشرىكنىڭ يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدا قامچا ئىزىنى، يۈزىدە يىرىقنى بايقىدى، ئەنسارى كىلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئاسماننىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەيزۇم ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، مۇسۇلمانلار شۇ كۈندە مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىشنى ئەسىرگە ئالدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەسىر ئالغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرگە: «بۇ ئەسىرلەرنى قانداق قىلىمىز؟»دېدى، ئەبۇ بەكرى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، تاغىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭچە، ئۇلاردىن پۇل ئېلىپ قويىۋەتسەك، بۇ پۇلنىڭ بىزگە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا ياردىمى بولىدۇ، بەلكىم ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كىيىنچە ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى مۇمكىن،- دېدى، ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايمەن، مېنىڭچە: ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، بىزدىن ھەر بىرەيلەن ئەسىرلەردىن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئۆلتۈرسۇن، چۈنكى ئۇلار كۇپىرنىڭ يىتەكچىلىرى، ئازغۇنلۇقنىڭ باشلىرى،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەرنىڭ سۆزىنى ياقتۇرماي، ئەبۇبەكرىنىڭ سۆزىگە قېتىلدى. ئۆمەر ئەتىسى كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ ھەمراھلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقلىرىنى ماڭا دەپ بەرسىلە، ئەگەر يىغلىيالىسام مەنمۇ يىغلاي، يىغلىيالمىسام سىلەرگە يىغلىشىپ بېرەي،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئەسىرلەردىن پىدىيە قوبۇل قىلىش پىكرىدە بولغانلارغا بولىدىغان ئازابنى توغرىلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئازاۋى ماڭا بۇ دەرەختىنمۇ يېقىن جايدا كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە بىر دەرەخ بار ئىكەن-ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە (يەنى تۆلەم) ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار،(ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر} [ئەنپال سۈرىسى: 67~69-ئايەتكىچە]، يەنى: پەيغەمبەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنى يوقىتىشقا تىرىشىدىغان، نۇرىنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان كاپىرلارنى ئەسىرگە ئىلىپ، ئۇلاردىن كېلىدىغان ئازغىنە تۆلەم ئۈچۈن ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇشقا ئالدىرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يوقىتىپ، يامانلىقىنى تۈگۈتۈشنى تەلەپ قىلىدىغان مەنپەئەتكە نىسبەتەن بەك ئاز نەرسىدۇر، ئۇلارنىڭ يامانلىقى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى داۋاملىشىدىكەن، ئۇلارنى ئەسىر قىلماسلىق ئەڭ ياخشى، ئۇلارنىڭ يامانلىقى يوقىلىپ، ئاجىزلاشسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن كۈچ بىلەن ئالغان غەنىمەتنى ھالال قىلىپ بەردى