عن عائشة رضي الله عنها قالت: قال لي رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إنِّي لأعلمُ إذا كنتِ عنِّي راضيةً، وإذا كنتِ عليَّ غَضْبَى». قالت: فقلتُ: مِن أين تَعْرف ذلك؟ فقال: «أمَّا إذا كنتِ عني راضيةً، فإنكِ تقولين: لا وربِّ محمد، وإذا كنتِ علي غَضبى، قلتِ: لا وربِّ إبراهيم». قالت: قلتُ: أجل والله يا رسول الله، ما أهْجُرُ إلَّا اسمَك.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن سىزنىڭ مەندىن خۇرسەن بولغان ۋە خاپا بولغان ۋاقتىڭىزنى بىلىمەن» دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بۇنى قانداق بىلىلا؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەندىن خۇرسەن بولسىڭىز مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەيسىز، ئەگەر مەندىن رەنجىپ قالسىڭىز ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەيسىز» دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! شۇنداق قىلىمەن، پەقەت سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى تاشلاپ قويىمەن دېدىم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن سىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا مەندىن خۇرسەن بولغان ۋە قانداق ۋاقىتتا مەندىن رەنجىپ قالغانلىقىڭىزنى ياخشى بىلىمەن» دېدى. مەن: بۇنى قانداق بىلىلا؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىز مەندىن خۇرسەن بولسىڭىز مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەپ قەسىمىڭىزدە مېنىڭ ئىسمىمنى زىكىر قىلىسىز، ئەگەر دۇنيالىق ۋە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم ئىشلار بىلەن مەندىن رەنجىپ قالسىڭىز قەسىمىڭىزدە ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى ئىبراھىمنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرىسىز» دېدى، مەن: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن رەنجىپ قالغان ۋاقتىمدا تىلىمدىن پەقەت سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى تەرك قىلىمەن لېكىن قەلبىمدە سىلىگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن دېدىم

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش