ئەسەر تۈزۈش:
+ -
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:

«مَا بَعَثَ اللَّهُ نَبِيًّا إِلَّا رَعَى الغَنَمَ»، فَقَالَ أَصْحَابُهُ: وَأَنْتَ؟ فَقَالَ: «نَعَمْ، كُنْتُ أَرْعَاهَا عَلَى قَرَارِيطَ لِأَهْلِ مَكَّةَ».
[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 2262]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى: سىلىمۇ قوي باققانمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، مەن مەككىلىكلەرنىڭ قويلىرىنى بىر قانچە تەڭگىگە باقاتتىم» دېدى

الملاحظة
،♥️♥️♥️????????????????????????♥️♥️♥️????????????????????????♥️♥️♥️????????❤️????????♥️♥️????????????????❤️????????????????????????????????❤️????????????????❤️????????????????????????????????♥️????????????????????
النص المقترح لا يوجد...

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىدا قوي باققان. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بۇ ئىشنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن بولغانلىقى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ئىنساننى خەلىققە ئىدارە قىلىشقا، ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا يىتەكلەشكە ئادەتلەندۈرۈش، چۈنكى پادىچى قويلارنى بەزى ۋاقىتتا يايلاققا ئېلىپ بارىدۇ، بەزى ۋاقىتتا جايىدا قالدۇرىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا قوتانغا قايتۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى يايلاقلارنى بىلىدىغان، قويلارنىڭ يەم-خەشەك ۋە سۈيىگە ۋە قويلارغا پايدىلىق تەجرىبە ۋە كۆرسەتمىگە ئىگە پادىچىغا ئوخشاش ئۈممىتىنى ئىدارە قىلىدۇ. ئىلىم، ھىدايەت ۋە توغرا پىكىر بىلەن ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ. قوينى تاللاشتىكى مەقسەت: قوي باققۇچى ئېغىر-بىسىق، تەمكىن كىلىدۇ، ئەكسىچە تۆگە باققۇچى كۆپىنچە قوپال، باغرى قاتتىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك تۆگىدىمۇ قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ خەلىقنى ئىدارە قىلىشىقا مەشىق قىلىپ، ئادەتلىنىشى ئۈچۈن قوي بىقىشىنى ئىرادە قىلغان

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ