ھەدىسلەر تىزىملىكى

1. ئاللاھ تائالانىڭ :«سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۆمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
2. كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر
عربي الإنجليزية الأوردية
3. ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراقتۇر - 1 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
4. ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ مەنالىرى ئوچۇق ئايەتنى قۇبۇل قىلىدىغان، چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغان
عربي الإنجليزية الأوردية
5. ئى رەسۇلۇللاھ مەن جاھىلىيەتتە ھەرەم مەسچىتىدە بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، قانداق قىلىمەن دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
6. ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك
عربي الإنجليزية الأوردية
7. ئى ئۇسامە! ئۇنى: «لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
8. دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە بىشىغا كېلىپ تۆت تەكبىر بىلەن جىنازە نامىزىنى ئوقۇغان
عربي الإنجليزية الأوردية
9. قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە ئەپلىك، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
10. ئەگەر ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئەگەر ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
11. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
12. شەكسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى
عربي الإنجليزية الأوردية
13. دادىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىر ئادەمنى بۇ مېنىڭ دادام دەپ دەۋا قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭكى دەپ دەۋا قىلغان كىشى بىزدىن (يەنى مۇسۇلمانلارىدىن) ئەمەس، ئۇنداق كىشى جەھەننەمدىن ئۆزىگە ئورۇن ھازىرلاپ قويسۇن!، كىمكى باشقا بىرىنى "كاپىر" ياكى "ئاللاھنىڭ دۈشمىنى" دېسە، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەم ئۇنداق بولمىسا، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
14. ئاللاھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان - 2 ملاحظة
عربي الإنجليزية الأوردية
15. كۇرسى دېگەن ئىككى پۇتنى قويۇدىغان ئورۇندۇر. ئەرىشنىڭ بۈيۇكلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
16. بىر كىشى قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ھېسابلانمايدۇ ياكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
17. پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ئادەم بولسا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن نەرسىدىن«يەنى لايدىن» يارىتىلغان
عربي الإنجليزية الأوردية
18. بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟
عربي الإنجليزية الأوردية
19. ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ، ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
20. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
21. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا، تۆگىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
22. تەسبىھ ئەرلەرگە، چاۋاك ئاياللارغا خاس
عربي الإنجليزية الأوردية
23. ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەردىنى قايرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى
عربي الإنجليزية الأوردية
24. ئاللاھ ھاراقنى چەكلەپ ئايەت نازىل قىلغان ۋاقىتتا مەدىنىدە خورما ئىچىملىكىدىن باشقا ئىچىملىك يوق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
25. مەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەرقانداق مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدادۇرمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
26. ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية