ئەسەر تۈزۈش:
عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ:

لَمَّا جَاءَ أَهْلُ الْيَمَنِ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «قَدْ جَاءَكُمْ أَهْلُ الْيَمَنِ»، وَهُمْ أَوَّلُ مَنْ جَاءَ بِالْمُصَافَحَةِ.
[صحيح] - [رواه أبو داود وأحمد] - [سنن أبي داود: 5213]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئۇ مۇنداق دېگەن: يەمەنلىكلەر كەلگەن چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى» دېدى، ئۇلار قول ئېلىشىپ كۆرشۈشنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەر ئىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ: «سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى» دېگىنى، ئۇلارنى قارشى ئالغانلىق، پەزىلىتىنى بايان قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىنىڭ قەۋمى ئەشئەرىلىكلەرمۇ بار ئىدى، ئىمام ئەھمەد مۇسنەد كىتابىدا 1553- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ. ئۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەتە قەلبى ئىسلامغا سىلەردىنمۇ يۇمشاق كىشىلەر كېلىدۇ» دېگەن، ئەشئەرىلەر كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىمۇ بار ئىدى، ئۇلار مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا بۇ شىئىرنى ئوقۇپ كەلگەن: «ئەتە ئۇچرىشىمىز يارەنلەر بىلەن ، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى بىلەن»، ئۇلار كەلگەن ۋاقىتلىرىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بۇ ئۇسۇلنى تۇنجى ئوتتۇرغا قويغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (15)
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ