عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: «نَعَى النبيُّ صلى الله عليه وسلم النَّجَاشِيَّ في اليوم الذي مات فيه، خرج بهم إلى المصلَّى، فصفَّ بهم، وكَبَّرَ أَرْبَعاً».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: نەجاشى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، كەينىدىكى سەپلەرنى رۇسلىدى، تۆت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
نەجاشى ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى بولۇپ ساھابىلەردىن بىر تۈركۈملىرى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارغاندا ئۇلارنى ياخشى كۈتىۋالغان، بۇ ۋاقىتتا مەدىنە ئەھلىدىن بىر كىشى مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە چوڭچىلىق قىلماي ھەقكە ئەگىشىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ باردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى كۆرمەستىن ئۆز يۇرتىدىلا ۋاپات بولدى. مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقى، كاتتا ماقامى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر كىشىنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇمىغانلىقتەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدە ساھابىلەرگە يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نەجاشىينىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا يىغدى، ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى رۇسلىغاندىن كېيىن تورت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ غىيابىي جنازا نامىزىنى ئوقۇدى، بۇ ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا شاپائەت بولىشىنى ئۈمىت قىلدى