كَانَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَبِيتُ اللَّيَالِي الْمُتَتَابِعَةَ طَاوِيًا وَأَهْلُهُ لاَ يَجِدُونَ عَشَاءً وَكَانَ أَكْثَرُ خُبْزِهِمْ خُبْزَ الشَّعِيرِ.
[صحيح] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد] - [سنن الترمذي: 2360]
المزيــد ...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچلىقتىن قورسىقىنى قاتلاپ ئارقىمۇ-ئارقا نەچچە كېچە يېتىپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېگۈدەك كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك يەيدىغان نىنى ئارپا نىنى ئىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىمۇ-ئارقا بىر قانچە كېچە بىر نەرسە يىمەي ئۇخلايتتى، چۈنكى ئۇلار كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىغىنى ئارپا نېنى ئىدى، چۈنكى ئارپا بۇغداي ۋە باشقا يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ئەرزان ئىدى