عن أبي ذر رضي الله عنه مرفوعاً: «إِنِّي أرى ما لا ترون، أَطَّتِ السماء وحُقَّ لها أَنْ تَئِطَّ، ما فيها موضع أربع أصابع إلا وملك واضع جبهته ساجداً لله تعالى والله لو تعلمون ما أعلم لضحكتم قليلاً ولبكيتم كثيراً، وما تلذذتم بالنساء على الفُرُشِ، ولخرجتم إلى الصُّعُدَاتِ تَجْأَرُونَ إلى الله تعالى».
[حسن] - [رواه الترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەن نەرسىنى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. ئاياللىرىڭلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا كىرىشىپ كەتمەي، ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىپ، ئادەم يوق يەرلەرگە بېرىپ، بالايى-ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرغان «بولاتتىڭلار
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: مەن سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىنى كۆرەلەيمەن ۋە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلىمەن. ئاسمان غىچىرلاپ ئاۋاز چىقىرىپ كەتتى، شۇنداق قىلىشى توغرا، چۈنكى تۆت بارماق پاتقىدەك ئورۇن بولسىلا پەرىشتىدىن بىرسى ئاللاھقا سەجدە قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھقا قەسەمكى ئەگەر سىلەر مەن بىلگەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە قاتتىق ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىغا ئالاقىدار غەيبى ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئەنسىرەپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. ئاللاھدىن قاتتىق قورققانلىقتىن ئاياللىرىڭلار بىلەنمۇ كۆڭۈل ئېچىشقا پېتىنالماي، خالى يەرلەرگە بېرىپ ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاللاھقا يالۋۇرغان بولاتتىڭلار، دېگەن.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ