عن أسامة بن زيد- رضي الله عنه- مرفوعاً: «قلت ُيا رسول الله، أتنزل غدا في دارك بمكة؟ قال: وهل ترك لنا عقيل من رِبَاعٍ؟
ثم قال: لا يَرِثُ الكافر المسلم، ولا المسلم الكافر
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلى ئەتە مەككىدىكى ئۆز ئۆيلىرىگە چۈشەملا؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇقەيىل ئىبنى ئەبۇ تالىب بىزگە بىرەر قورۇ قالدۇردىمۇ؟» دېدى. ئاندىن: «كاپىر مۇسۇلماندىن مىراس ئالمايدۇ، مۇسۇلمانمۇ كاپىردىن مىراس ئالمايدۇ» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۇسامە ئىبنى زەيد ئۇنىڭدىن مەككىدىكى ئۆيىگە چۈشىدىغانلىقىنى سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇقەيىل ئىبنى ئەبۇ تالىب بىزگە تۇرىدىغان بىرەر قورۇ قالدۇردىمۇ؟» دېدى. ئەبۇ تالىب مۇشرىك ھالدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئوغۇل پەرزەنتى قېلىپ قالدى، ئۇلار تالىپ، ئۇقەيىل، جەئپەر ۋە ئەلى ئىدى. جەئپەر بىلەن ئەلى دادىسى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسلامغا كىردى، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار دادىسىدىن مىراس ئالمىدى، تالىپ بىلەن ئۇقەيىل بولسا قەۋمىنىڭ شېرىك ئەقىدىسىدە قېلىپ، دادىسىغا مىراسخور بولدى، تالىپ بەدرى غازىتىدا يوقاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆيلەر ئۇقەيلىگە قېلىپ قالدى، ئۇقەيىل ئۇ ئۆيلەرنى سېتىۋەتتى. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ئارىسىدىكى ئومۇمى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ: «مۇسۇلمان كاپىردىن مىراس ئالمايدۇ، كاپىرمۇ مۇسۇلماندىن مىراس ئالمايدۇ» دېدى. چۈنكى مىراسخور بولۇش ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ۋە پايدا-مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، ئۇلار دىنى ئوخشىمىسا ئۈزۈلىدۇ، چۈنكى دىن بولسا كۈچلۈك ئالاقە ۋە ئۈزۈلمەس تۇتقىدۇر. ئەگەر دىن ئالاقىسى يوقالسا ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىق ئالاقىسىمۇ يوقىلىدۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مىراسخورلۇق ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلىدۇ، چۈنكى بۇ ئالاقىنى ئۈزۈش نەسەب ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىقنى ئۇلىغاندىن كۈچلۈكرەك