عن عائشة رضي الله عنها قالت: «اختصم سعد بن أبي وقاص، وعبد بن زَمْعَةَ في غلام: فقال سعد: يا رسول الله، هذا ابن أخي عُتْبَة بن أبي وقاص، عهد إلي أنه ابنه، انظر إلى شبهه. وقال عبد بن زَمْعَةَ: هذا أخي يا رسول الله، ولد على فراش أبي من وليدته، فنظر رسول الله صلى الله عليه وسلم إلى شبهه، فرأى شبها بينا بعُتْبَة، فقال: هو لك يا عبد بن زَمْعَةَ، الولد للفراش وللعاهر الحجر. واحتجبي منه يا سَوْدَة. فلم ير سَوْدَة قط».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئابدۇ ئىبنى زەمئە بىر بالا توغرۇلۇق دەۋالاشتى، سەئد: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ قېرىندىشىم ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ بالىسى، ئۇ ماڭا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئوخشايدىغانلىقىغا قارىسىلا،- دېدى. ئابدۇ ئىبنى زەمئەمۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، ئۇ دادامنىڭ تۆشىكىدە ئۇنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلدى،- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا سېىنچىلاپ قاراپ، ئۇنىڭ ئوتبەگە ئوچۇق ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ: ئى ئابدۇ ئىبنى زەمئە! ئۇ سىنىڭكى، بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخورغا تاش ئېتىلىدۇ. ئى سەۋدە! ئۇنىڭدىن ھىجاپلىنىڭ!، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەۋدەنى كۆرۈپ باقمىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

بەزى كىشىلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە دېدەكلەرگە زىنادىن تېپىشى ئۈچۈن سېلىقلارنى بەلگىلەيتى. زىنا قىلغان ئەر داۋا قىلسا بالىنى ئۇنىڭغا بېرەتتى. ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس جاھىلىيەتتە زەمئە ئىبنى ئەسۋەدنىڭ دېدىكى بىلەن زىنا قىلدى. ئۇ دېدەك بىر بالا تۇغدى. ئوتبە قېرىندىشى سەئدكە بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ نەسەبىگە قوشۇشنى ۋەسىيەت قىلدى. مەككە پەتھى قىلىنغاندا سەئد ئۇ بالىنى كۆرۈپ، قېرىندىشىغا ئوخشىغانلىقىدىن ئۇنى تونۇدى ۋە ئۇنى قوشۇۋالماقچى بولدى. سەئد بالا توغرۇلۇق ئابدۇبنى زەمئە بىلەن دەۋالىشىپ: قېرىندىشىنىڭ ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ ئىقرار قىلغانلىقىنى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى پاكىت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇ ئىبنى زەمئە: ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، دادامنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلغان، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئوتبەگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن بالا دېدەكنىڭ خوجايىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى ئابدۇ ئىبنى زەمئەگە ھۆكۈم قىلىپ: بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخور نومۇسسىزغا ئۈمىدسىزلىك ۋە زىيان لايىق، شۇڭا ئۇ بالىدىن يىراق تۇرىدۇ، دېدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بالىنىڭ ئوتبەگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكتىن، بۇ نەسەب بىلەن ئابدۇ ئىبنى زەمئەنىڭ سىڭلىسى سەۋدە بىنتى زەمئەگە قارىشىنى ھالال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، سەۋدەنى ئۇ بالىدىن يۆگىنىشكە بۇيرىدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ