عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «من ابْتَاعَ طعاما فلا يَبِعْهُ حتى يَسْتَوْفِيَهُ»، وفي لفظ: «حتى يَقْبِضَهُ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاشلىق سېتىۋالسا ئۇنى تولۇق قولىغا ئالمىغانغا قەدەر ساتمىسۇن، يەنە بىر ئىبارىدە: تولۇق قولىغا ئالمىغانغا قەدەر، دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئاشلىقنى قولغا ئېلىش سودىنى تاماملىغۇچى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە قىلغۇچى شەرتلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقتىن، شەرىئەت سودىگەرنى ئاشلىق ۋە يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ئۇنى تولۇق قولغا ئالماي تۇرۇپ ئۇنى سېتىشتىن توستى