عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه مرفوعاً: «ثلاثة لهم أجران: رجل من أهل الكتاب آمن بنبيه، وآمن بمحمد، والعبد المملوك إذا أدى حق الله، وحق مواليه، ورجل كانت له أمة فأدبها فأحسن تأديبها، وعلمها فأحسن تعليمها، ثم أعتقها فتزوجها؛ فله أجران».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئەجىر ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچ تۈرلۈك كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ئۆز پەيغەمبىرىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن ئەھلى كىتاب كىشى، ئىككىنچىسى: ئاللاھنىڭ ۋە خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇل، ئۈچىنچىسى: دېدىكى بار ئادەم بولۇپ، دېدەكنى ياخشى تەربىيلەپ، ئىلىم ئۈگۈتۈپ ئاندىن ئۇنى ئازات قىلىپ نىكاھىغا ئالغان كىشىدۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
بۇ ھەدىستە ئۆزىنىڭ دىنىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن ئەھلى كىتاپتىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ پەزىلىتى، ئاللاھنىڭ ۋە خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇلنىڭ پەزىلىتى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى دېدەككە ئەدەپ ئۈگەتكەن، ياخشى تەربىيە قىلغان ئاندىن ئازات قىلىپ، نىكاھىغا ئالغان كىشىنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭغا ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇ كىشىگە دېدەككە ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى ئازات قىلغانلىقىغا ئەجىر بېرىلىپلا قالماستىن، يەنە دېدەكنىڭ ئەۋرىتىنى ساقلاپ يامان يولدىن توسۇپ نىكاھىغا ئالغانلىقىغىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ