عن ابن عمر رضي الله عنهما مرفوعاً: «إن العبد إذا نصح لسيده، وأحسن عبادة الله، فله أجره مرتين».
عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه مرفوعاً: «المملوك الذي يحسن عبادة ربه، ويُؤدي إلى سيده الذي عليه من الحق، والنصيحة، والطاعة، له أجران».
[صحيح] - [حديث ابن عمر رضي الله عنه متفق عليه.
حديث أبي موسى رضي الله عنه رواه البخاري]
المزيــد ...
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم ئەجىر بېرىلىدۇ»، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئۆز رەببىنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلغان، شۇنداقلا ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلغان، سەمىمى، ئىتائەتچان بولغان قۇلغا قوش ئەجىر بار»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
بۇ ھەدىستە تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى، شۇنىڭدەك خىزمىتى ۋە مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇلغا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ئۇنىڭ قوش ئەجىرگە ئىرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ