عن عائشة رضي الله عنها قالت: ما صَلَّى رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم صلاةً بَعْدَ أَنْ نَزَلَتْ عليه: (إذا جاء نصر الله والفتح) إلا يقول فيها: «سُبْحَانَكَ رَبَّنَا وبِحَمْدِكَ، اللهمَّ اغْفِرْ لِي».
وفي رواية: كانَ رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم يُكْثِرُ أَنْ يَقُولَ في رُكُوعِهِ وسُجُودِهِ: «سُبْحَانَكَ اللهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدِكَ، اللهُمَّ اغْفِرْ لِي»، يَتَأَوَّلُ القُرْآنَ.
وفي رواية: كَانَ رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم يُكْثِرُ أَنْ يَقُولَ قَبْلَ أَنْ يَمُوتَ: «سُبْحَانَكَ اللهُمَّ وَبِحَمْدِكَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ». قالتْ عَائِشَةُ: قلتُ: يا رسولَ اللهِ، ما هذهِ الكلماتُ التي أراكَ أَحْدَثْتَهَا تَقُولُها؟ قال: «جُعِلَتْ لِي عَلَامَةٌ فِي أُمَّتِي إِذَا رَأَيْتُهَا قُلْتُهَا (إذا جاء نصر الله والفتح)... إلى آخر السورة».
وفي رواية: كانَ رسولُ الله صلى الله عليه وسلم يُكْثِرُ مِنْ قَوْلِ: «سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ أَسْتَغْفِرُ اللهَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ». قالتْ: قلتُ: يا رسولَ اللهِ، أراكَ تُكْثِرُ مِنْ قَوْلِ سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ أَسْتَغْفِرُ اللهَ وأَتُوبُ إليهِ؟ فقالَ: «أَخْبَرَنِي رَبِّي أَنِّي سَأَرَى عَلَامَةً فِي أُمَّتِي فَإِذَا رَأَيْتُهَا أَكْثَرْتُ مِنْ قَوْلِ: سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ أَسْتَغْفِرُ اللهَ وَأَتُوبُ إليهِ فَقَدْ رَأَيْتُهَا: إذا جاء نصر الله والفتح، فَتْحُ مَكَّةَ، ورأيت الناس يدخلون في دين الله أفواجاً، فسبح بحمد ربك واستغفره إنه كان تواباً».
[صحيح] - [متفق عليه بجميع رواياته]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ھەر ۋاقىت ناماز ئوقۇسا: «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ-سەجدىلىرىدە: «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن» دېگەن دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىنىڭ بۇ يېڭى سۆزلەرنى كۆپ تەكرارلاۋاتقانلىقلىرىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن ئۈچۈن ئۈممىتىمدە ئالامەت قىلىندى، مەن ئۇنى كۆردۈم ۋە دېدىم، ئۇ بولسىمۇ «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگەن ئايەتتىن باشلاپ سۈرە نەسىرنى ئاخىرغىچە ئوقۇدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دېگەن دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىنىڭ «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن»دېگەن دۇئانى كۆپ تەكرارلاۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈۋاتىمەن دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پەرۋەردىگارىم ماڭا: سەن ئۈممىتىنىڭ ئىچىدە ئالامەتلەرنى كۆرىسەن، شۇ ئالامەتلەرنى كۆرگەندە، ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دېگەن دۇئانى كۆپ قىلغىن دەپ خەۋەر بەردى. مەن ئۇ ئالامەتلەرنى كۆردۈم، ئۇ بولسىمۇ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلبىسى كەلگەندە، مەككە پەتھى قىلىنغاندا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن ئايەت دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نەسىر سۈرىسى نازىل بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق بىر ناماز ئوقۇسا ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە قۇرئاندا بۇيرۇلغان: «كۆرگىنىڭدە، رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن» بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىپ: «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن» دېگەن دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رۇكۇ-سەجدىلىرىدە كۆپ تەكرارلايدىغان بۇ دۇئالار توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خەۋەر بېرىپ: ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىچىدە بىر ئالامەتلەرنى كۆرىدىغانلىقى، شۇ ئالامەتنى كۆرگەن ۋاقتىدا: «ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دېگەن دۇئانى كۆپ تەكرارلاشقا بۇيرىغانلىقىنى، ئۇ ئالەمەت بولسا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلبىسى كەلگەندە، مەككە پەتھى قىلىنغاندا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن ئايەت دېدى