عن عقبة بن عامر رضي الله عنه مرفوعاً: «مَنْ عُلِّمَ الرَّمْيَ، ثم تَرَكَه، فليس مِنَّا، أو فقد عَصَى».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ھېسابلانمايدۇ ياكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئوقيا ئېتىشنى ۋە جىھادتا ئېشلىتىلىنىدىغان ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار قوراللارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە ئۇ كىشى بىزنىڭ يولىمىز ۋە پرىنسىپىمىزدا ئەمەس، ياكى ئۇ بىزگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يولىمىزدا ئەمەس دېدىمۇ ياكى بىزگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، دېدىمۇ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسى ئىكەنلىكىدە بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان راۋى شەكلىنىپ قالغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ