عن أبي أمامة رضي الله عنه مرفوعاً: «مَنْ صام يومًا في سَبِيل الله جَعل الله بينه وبَيْن النِّار خَنْدَقًا كما بين السماء والأرض».
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ تىلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدەك بەش يۈز يىللىق ئۇزۇن مۇساپىلىق، يىراقتىن چەكلەيدىغان ۋە ئوتتىن توسىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ، ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى، بىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئارىسى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر»دېدى