عن أبي أمامة رضي الله عنه : أن رجلًا، قال: يا رسول الله، ائْذَنْ لي في السِيَاحَة! فقال النبي صلى الله عليه وسلم : «إن سِيَاحَة أُمَّتِي الجِهاد في سَبِيلِ الله عز وجل ».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر ئەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا!»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر ئەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن زېمىندا ئايلىنىپ، شەھەرلەرگە بېرىشقا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بۇ ساياھەتتىن مەقسەت ئىبادەتتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى بولسا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى، بۇنىڭ مەنىسى: سىز ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭ، مانا بۇ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى، چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش، دىننىڭ مۇكەممەل قائىدىسى ۋە پرىنسىپلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مەنپەئەت بار، ئەمما ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يۇرتى ۋە ئەھلىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش چەكلەنگەن، ھېچ بولمىغاندا ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟» [بەقەرە سۈرىسى:61_ئايەت] ، ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىز جىھادنى داۋاملاشتۇرۇڭ، چۈنكى ئۇ ئىسلامدىكى زاھىتلىقتۇر» دەپ كەلگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ