عن علي رضي الله عنه : أن النبي صلى الله عليه وسلم طَرَقَه وفاطمة ليلاً، فقال: «ألا تُصَلِّيَانِ؟».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىسى مېنىڭ بىلەن پاتىمەنىڭ قېشىغا كېلىپ:«قوپۇپ ناماز ئوقۇمامسىلەر؟»دەيتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىسى مېنىڭ بىلەن پاتىمەنىڭ قېشىغا كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقان بولساق، بىزنى ئۇيغۇتۇپ: «قوپۇپ ناماز ئوقۇمامسىلەر؟» دەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئىككەيلەننى كېچىلىك ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئارام ئېلىپ-راھەتلىنىشنىڭ ئورنىغا كېچىدە ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت بولغان بۇ پەزىلەتنى تاللىغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا ئارام ئېلىش ئۈچۈن بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن (كۈي ئوغلىنى) تاغىسىنىڭ ئوغلىنى ئۇيقۇدىن ئويغۇتىۋەتمەيتتى