عن عائشة رضي الله عنها : "أن أم سلمة ذكرت لرسول الله صلى الله عليه وسلم كنيسة رأتها بأرض الحبشة وما فيها من الصور، فقال: أولئك إذا مات فيهم الرجل الصالح أو العبد الصالح بنوا على قبره مسجدا، وصوروا فيه تلك الصور، أولئك شرار الخلق عند الله".
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇممۇ سەلەمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەبەشىستان دىيارىدا بىر چىركاۋنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىزما سۈرەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئۇلار ئىچىدىن بىرەر سالىھ كىشى ياكى ياخشى بەندە ئۆلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە مەسچىد بىنا قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مەسچىتلەرگە سىزىۋالاتتى. كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۇلۇغلىشى ئىبادەت تۈسى ئالغان بولۇپ، ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ناچار مەخلۇقلىرىدۇر، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئۇممۇ سەلەمە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەكىراتتىكى ۋاقىتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەبەشىستاندىكى چىركاۋلاردا كىشىلەرنىڭ تامغا سىزىلغان سۈرەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى سۈپەتلەپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر سۈرەتلەرنى سىزغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ياراملىق، تەقۋادارلار كىشىلەرنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان، سالىھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندە قەبرە ئۈستىگە مەسجىد سېلىۋالاتتى ۋە ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېسىۋالاتتى، كېيىنچە ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۇ كىشىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەڭ ناچار مەخلۇقلىرىدۇر، دېگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى شەرىئەت ئىككى تەرەپتىن چەكلىگەن. بىرىنچىسى: قەبرە ئۈستىگە مەسجىد بىنا قىلىش پىتنىسى، ئىككىنچىسى: شېرىكلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەيكەللەرنى ئۇلۇغلاش پىتنىسى