عن عبد الله بن عَبَّاسٍ رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «أُمِرْتُ أن أَسْجُدَ على سَبْعَةِ أَعْظُمٍ: على الْجَبْهَةِ -وأشار بيده إلى أنفه- واليدين، والرُّكْبَتَيْنِ ، وأطراف القدمين».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم: پېشانە ۋە قولى بىلەن بۇرنىغىمۇ ئىشارەت قىلدى، ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پۇتنىڭ ئۇچى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بەدەننىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەۋزەل ئەزالىرىدۇر. بۇ، ئىنساننىڭ خارلىقى ۋە ئىبادىتى ئاللاھ تائالاغىلا بولسۇن ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ساھابىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ياخشى يادلىشى ۋە قوبۇل قىلىشقا ئىشتىياق باغلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باشتا قىسقارتىپ ئېيتىپ، كېيىن تەپسىلى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: پېشانە بۇرۇن بىلەن قوشۇپ. ئىككى ۋە ئۈچۈنچىسى: ئىككى قول، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالقىنى يەرگە چاپلىشىشى كېرەك. تۆت ۋە بەشىنچىسى: ئىككى تىز. ئالتە ۋە يەتتىنچىسى: ئىككى پۇتنىڭ ئۇچى. بارماقلارنى قىبلىگە قاراتقان ھالدا تۇرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ