عن أبي قَتَادَةَ الأَنْصَارِيِّ رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يقرأ في الركعتين الأُولَيَيْنِ من صلاة الظهر بفاتحة الكتاب وسورتين، يُطَوِّلُ في الأولى، و يُقَصِّرُ في الثانية، و يُسْمِعُ الآية أحيانا، وكان يقرأ في العصر بفاتحة الكتاب وسورتين يُطَوِّلُ في الأولى، و يُقَصِّرُ في الثانية، وفي الركعتين الأُخْرَيَيْنِ بِأُمِّ الكتاب، وكان يُطَوِّلُ في الركعة الأولى من صلاة الصبح، ويُقَصِّرُ في الثانية.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، ئاۋۋالقى رەكئەتنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكئەتنى قىسقا ئوقۇيتتى. بەزىدە بىرەر ئايەتنى بىزگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى، ئەسىردە ئالدىنقى ئىككى رەكئەتنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، بىرىنچى رەكئەتنى ئۇزۇن ئوقۇيتتى، ئاخىرىقى ئىككى رەكەتتە سۈرە پاتىھەنىلا ئوقۇيتتى، بامداتنىڭ ئاۋۋالقى رەكئىتىنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكئىتىنى قىسقا ئوقۇيتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادەتتە پىشىن، ئەسىر نامازلىرىنىڭ باش ئىككى رەكئىتىدە سۈرە پاتىھەدىن كېيىن سۈرە قېتىپ ئوقۇيتتى، بىرىنچى رەكئەتتە ئۇزۇنراق ئىككىنچى رەكئەتتە قىسقاراق سۈرە ئوقۇيتتى، گاھىدا ساھابىلەرگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە پاتىھەنىلا ئوقۇيتتى، بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە ئۇزۇن ئىككىنچى رەكەتىدە قىسقا ئوقۇيتتى. ئەگەر بىر كىشى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە پاتىھەدىن كېيىن سۈرە قوشۇپ ئوقۇسا بۇمۇ دۇرۇس، چۈنكى بۇ ھەقتە باشقا دەلىللەر بار

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ